مۇھىم خەۋەرلەر

ياشلار مارشى

barin-sehitleriكۆرەش كۈسەن

 يىتەر، يىتەر، ئۇيقۇڭ يىتەر،
 ئەمدى سەنمۇ قەددىڭ كۆتەر،
سەنلا قالدىڭ بىر يىگانە،
خارلىنىپ ھايۋاندىن بەتتەر.

   يىتەر، يىتەر، ئۇيقۇڭ يىتەر،

ھالىمىز بۈگۈن بەكمۇ خەتەر،

ئازاتلىق ئۈچۈن ئۆلمىگەن ئەر،

ئاخىرى ئىمانسىز كىتەر. داۋامىنى ئوقۇش… >>

بىر خىتاي، قېرى كىشىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كاناداغا قاچتى

173974ھاڭكاڭدىن ئۇچۇپ كانادانىڭ ۋىنكاۋېر شەھىرىگە چۈشكەن يولۇچى ئايرۇپىلاندا ھەيران قالارلىق بىر ۋەقە يۈز بەرگدى. خىتايدىن كانادا ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۇچقان بىر قېرى كىشىنىڭ، ئەسلىدە قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن 20 ياشلىق بىر خىتاي ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ خىتاي كانادادىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. داۋامىنى ئوقۇش… >>

ئوباما ئاسىيا زىيارىتىنى ھىندىستاندىن باشلىدى

resim152433_2ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوباما تىجارەت مىنىستىرى گرېي لوك بىلەن ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. باش مىنىستىرلىكنىڭ مەخسۇس ئايرۇپىلانى بىلەن ھىدىستانغا كەلگەن ئوبامانى 500 بىخەتەرلىك خادىمى قوغدىغان. خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، ئوبامانىڭ ئاسىيا زىيارىتىدە ئوباما بىلەن سودا تىجارەت مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، بىخەتەرلىك، ئىستىخبارات خادىملىرى ۋە ئاخباراتچىلاردىن بولۇپ 900 كىشى داۋامىنى ئوقۇش… >>

شەرقىي تۈركىستاندا يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى

DT-HARITESI2010 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە شەرقىي تۈركىستاننڭ بايمۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستتا 5 بال يەر تەۋرىگەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ يەر تەۋرەشتە ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن. داۋامىنى ئوقۇش… >>

بانكىمۇن: خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈن تەرتىپكە كەلتۈردىم

454635-ki-moonبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن، خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسنى كۈن تەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب د ت باش كاتىپى بانكىمۇن، ئاخباراتچىلارنىڭ، خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەرىيانىدا، نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە تىلغا ئالمىغانلىقىنى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ب د ت نىڭ ئەڭ كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن مەسىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاسىيادا ئېلىپ بارغان زىيارىتىمدە خىتاي، داۋامىنى ئوقۇش… >>

16 مىليارد ياۋرۇ ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمدى

fransiye-protesto 2010 ‏- يىلى 4 ‏- ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ 4 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. فرانسىيە ئاخباراتلىرى، خىتاي دۆلەت مىنىستىرى خۇ جىنتاۋنى كۈتىۋالغان ۋە 16 مىليارد ياۋرۇلۇق تىجارەت كېلىمىشى تۈزگەن فرانسىيە دۆلەت رەئىسى سەركۇزىنى قاتتىق ئەيبلىدى. ئازاتلىق گېزىتى، سەركۇزىنى، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيبلىدى. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بەدىلى 16 مىليارد ياۋرۇ داۋامىنى ئوقۇش… >>

خىتاي بىلەن يېڭى شەرقىي تۈركىستان تىلىدا سۆزلىشىش

disيېقىندا بۈگۈن گېزىتىدە خىتاي بىلەن يېڭى شەرقىي تۈركىستان تىلىدا سۆزلىشىش دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى ئەخمەت تاشگېتىرەن ئىسىملىك ئوبزۇرچى يازغان.
 ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن يۈرىكى ئۇت بولۇپ يېنىۋاتقان بىر ھەرىكەتنىڭ ئىچىدىن كېلىۋاتىمەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ لىدەرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ دۇنيا لىدەرلىرىگە يوللىغان نۇرغۇن مەكتۇبلىرىنى رەتلەپ چىقىش شەرىپىگە ئىگە بولدۇم. داۋامىنى ئوقۇش… >>

خىتاي بىلەن ياپۇنىيە مۇناسىۋەتلىرىگە سۈركۈلۈش پەيدا قىلغان ۋەقە

chin-yapun-kemisi خىتاينىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى 2010 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى خىتاي بىلەن ياپۇنىيە ئوتتۇرىسىدا تالاشتا قالغان دېڭىز ئارىلىدا، ياپۇنىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتىنىڭ كېمىسى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن ۋاقىتتىكى سىنئالغۇ فىلىمى ئىنتېرنېتتا تارقىتىلدى.  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەرنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇشقا سەۋەب بولغان كېمە سۇقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ سىنئالغۇ فىلىمى ھازىرغىچە مەخپى داۋامىنى ئوقۇش… >>

فرانسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 20 مىليارد دوللارلىق تىجارەت كېلىشىمى

china-franceفرانسىيە خىتاي بىلەن 20 مىليارد دوللارلىق ئېنىرگىيە، تېلېفۇن ئۇچۇر ‏- ئالاقە ۋە ئايرۇپىلان سېتىۋېلىش قاتارلىق ساھەلەردە كېلىشىم قىلدى. فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى ئەيبلىدى  ئۈچ كۈنلۈك رەسمى زىيارەت ئۈچۈن فرانسىيىگە كەلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ، فرانسىيە دۆلەت رەئىسى سەركۇزى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى. خۇ جىنتاۋنىڭ فرانسىيىگە زىيارەت قىلىشى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. داۋامىنى ئوقۇش… >>

ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئىنسانغا ئوخشىمايدىغان بوۋاقلار تۇغۇلماقتا

irak-ve-afganistan-in-hilkat-garibeleriئىراق ۋە ئافغانىستاننىڭ ”ھىلكات غېرىپلىرى“

ئامېرىكىلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مىرەكى ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئىشلەتكەن ئاجىزلاشتۇرۇلغان ئۇرانيومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورال  – ياراقلارنىڭ بۇ دۆلەتلەردە ”ھىلكات غېرىپلىرى“ بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

”ھىلكات غرىپلىرى“ بوۋاقلار ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر پاجىئە…

ئامېرىكىلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مىرەكى ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئىشلەتكەن ئاجىزلاشتۇرۇلغان ئۇرانيومنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋامىنى ئوقۇش… >>

ئىراقتىكى يىتىم بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى

201011411713288ئشىغال ئاستىدىكى ئىراقتا ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار ئۈزۈلمەستىن داۋام قىلماقتا. ئىراقتىكى تۈگىمەس پارتىلاش ۋەقەلىرى يىتىم بالىلارنىڭ سانىنى ئالدىنقى ئەسردىكى بىر مىليوندىن بەش مىليونغا كۆپەيتىۋەتتى.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە ئىراق ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ باغداد شەھىرىدە
چارلاۋېتىپ بىر دارىلتامدا 24 بالىنىڭ ئاچلىقتىن ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق ھالەتكە داۋامىنى ئوقۇش… >>

ئافرىقىدىكى قورقۇنۇشلۇق كالا پاقىسى

2010114111357902بىر خىل  سىرتقى كۆرۈنشى ئىنتايىن يىرگىنىشلىك ئافرىقا كالا پاقىسى بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر دوزاختىن چىققان
قورقۇنۇشلۇق ئوۋچى دېيىشىدۇ، ئىشتىھاسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بىر  پۇت قولى ئىنتايىن ئەپچىل ئىكەن،بىر سەكرىسە تۆت مېتر ئارىلىققا سەكرىيەلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن ھەرقانداق نەرسىنى ئۇ تىلى بىلەن ياكى چىشىدىكى زەھەر بىلەن تۇتىۋالىدىكەن، ئەنگلىيە نىيۇجى ھايۋاناتلار باغچىسى ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى لىك مۇنداق دەيدۇ:ئۇلار ئىنتايىن خەتەرلىك ئوۋچى ، شۇنداقلا ئىنتايىن سەۋرتاقەتلىك، ھەم پارتىلاش كۈچىگە ئىگە ھايۋان،بىرىنىڭ ئادەتتىكى ئېغىرلىقى ئىككى كىلوگرام كىلىدۇ.

تۈركىيە مەتبۇئاتلرىدا، ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ زىيارىتى

11884433تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى زىيارەتلىرى شۇنداقلا خىتاي دائىرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدە كەڭ تۈردە تارقالدى. تۈركىيىنىڭ كۆپلىگەن گېزىت ‏- ژۇرنال ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى بۇ ھەقتە كەڭ تۈردە ئۇچۇر تارقاتتى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتا شۇكى، خىتاي دائىرلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تېررۇرلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان بولسىمۇ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچ قانداق داۋامىنى ئوقۇش… >>

ئىسپانىيىدە 10 ياشلىق بىر قىز ئانا بولدى

10yashlik-anaرۇمىنىيىلىك 10 ياشلىق بىر قىز ئىسپانىيىدە توغدى. بۇ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ قىزنىڭ ئانىسى ھەيران قالغانلارغا ھەيران قالدى ۋە رۇمىنىيىدە 10 ياشلىق قىزلارنىڭ توغۇشى نورمال بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
 رۇمىنىيىلىك ئولىمپىيا ئىسىملىك 10 ياشلىق قىز ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئىسپانىيىدە توغدى. قىزنىڭ ئانىسى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، قىزىم ئىسپانىيىگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئېغىرئاياق ئىدى. توغۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدى. بۇۋاقنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چوڭ ئانىسى، رۇمىنىيىدە 10 ياشلىق قىزلارنىڭ توي قىلىدىغانلىقىنى، داۋامىنى ئوقۇش… >>

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا

IMG_3445 شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىر يۈرۈش ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. 2010 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ بەكىركۆي ئىمامخاتىپ تولۇقئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى. بۇ پائالىيەتنى بەكىركۆي ئىمامخاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتتە ئاساسلىقى، يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش، رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ تولۇق ئۇتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ لېكىسىيە بېرىش ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى  داۋامىنى ئوقۇش… >>

ياپۇنىيە رۇسىيىدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى

2447113رۇسىيىنىڭ دۆلەت رەئىسى مىدىۋىدىۋنىڭ، 2 ‏- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياپۇنىيە بىلەن تالاش ‏- تارتىشتا قالغان كۇرىل ئارىلىنى زىيارەت قىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركۈلۈش پەيدا قىلدى.  ياپۇنىيە رۇسىيىدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى. رۇسىيە، سۇۋىت ئىتتىپاقى دەۋىرىدە ئىشغال قىلىۋالغان ياپۇنىيىگە تەۋە كۇرىل ئاراللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قارشى چىقماقتا. داۋامىنى ئوقۇش… >>

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇرلار بىلەن كۈلتىر ‏- مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

68795643e4675865436 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرىقى بېكىتى بولغان بېيجىڭغا كەلگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنى خىتاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتاي خەلق قۇرۇلتېيىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر زالى دەپ ئاتالغان يىغىن زالىدا كۈتىۋالدى. داۋۇتئوغلۇ شى جىنپىڭ ۋە ھەمرالىرىغا تۈركىيىنىڭ  شەرقىي تۈركىستان رايونى داۋامىنى ئوقۇش… >>

ئىستىقلالدا بۈگۈن!

radıo copyئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار! تورىمىز رادىئوسىدا ھەر كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 13:00 دىن 15:00 گىچە ئىككى سائەتلىك نەق مەيدان ۋە ئارخىپ پروگرامما تارقىتىلىدۇ. ھەر كۈنلۈك ئىككى سائەتلىك پروگرامما شۇ كۈنى كەچ سائەت 21:00 دا ۋە ئەتىسى ئەتتىگەن سائەت 9:00 دا قايتىلىنىدۇ.  بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدىغان پروگراممىلار تەپسىلاتى ئۈچۈن مەرھەمەت: داۋامىنى ئوقۇش… >>

داۋۇتئوغلۇنىڭ خىتاي زىيارىتىنى بېيجىڭدىن ئەمەس قەشقەردىن باشلىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى

mgkikonikmgk19agustosئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ خىتاي زىيارىتىنى بېيجىڭدىن باشلاپ قەشقەردە ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانلىدىن ۋاز كېچىپ، قەشقەردىن باشلاپ بېيجىڭدە ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە شۇ بويىچە زىيارەتنى باشلىغان. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بۇ ھەقتە مۇخبرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى، تۈرك مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان قاراخانىيلار دەۋىرىدە يېتىشكەن ئەجدادلىرىمىز، مەھمۇت قەشقىرىي ۋە يۈسۈپخاس ھاجىپقا سالام بېرىش بىلەن باشلايمەن، دېگەن ۋە تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن زىيارەتنى قەشقەردىن باشلىغانلىقىنى داۋامىنى ئوقۇش… >>

بەشىر ئاتالاي: ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پۈتكۈل ھوق ‏- ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىشى، ئەركىن ياشىشى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

cin_101تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەشىر ئاتالاي خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. بەشىر ئاتالاي: ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پۈتكۈل ھوق ‏- ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىشى، ئەركىن ياشىشى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم   داۋامىنى ئوقۇش… >>